ئافغانىستاننىڭ جەلالئاباد شەھىرىدە بومبا پارتلىدى

ئافغانىستاننىڭ نەنگارھار ۋىلايىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى يارىلاندى.

1170288
ئافغانىستاننىڭ جەلالئاباد شەھىرىدە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەنگارھار ۋىلايىتىنىڭ باياناتچىسى ئاتاۋۇللاھ ھوگيانى نەنگارھارنىڭ مەركىزىي جەلالئاباد شەھىرىدە بىر تاللا بازىرىغا قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يارىلانغانلار ئارىسىدا كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھۇجۇمغا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر