ئەنگلىيەدە ئىتتىپاقتىن چېكىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللايدىغانلار سانى 5 مىليوندىن ئاشتى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان ئىلتىماسقا قويۇلغان ئىمزا سانى 5 مىليوندىن ئاشتى.

1169730
ئەنگلىيەدە ئىتتىپاقتىن چېكىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللايدىغانلار سانى 5 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان ئىلتىماسقا قويۇلغان ئىمزا سانى 5 مىليوندىن ئاشتى. «50-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قال» تېمىلىق ئىلتىماستا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللىشىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، بۇنى ئاخىرلاشتۇرىشىمىز كېرەك.»

ئەنگلىيەدە بۇ خىل ئىلتىماسلارغا 10 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان تەقدىردە، ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىمزا سانى 100 مىڭدىن ئاشقاندا بولسا، ئىلتىماستىكى تەلەپ پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ.

ئەنگلىيە 2016-يىلى 23-ئىيۇندىكى رېفېراندۇمدا %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت 2017-يىلى 29-مارت لىسبون كېلىشىمى ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقتىن چېكىنىش مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك 50-ماددا بويىچە چېكىنىش مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىغان ئىدى.

رېفېراندۇمدا، 17 مىليون 410 مىڭ 742 كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى، 16 مىليون 141 مىڭ 241 كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قېلىشنى قوللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر