Washington Post: ترامپنىڭ قارارى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زىيانلىق

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «‹ Washington Post › گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «گولان ئېگىزلىكى» نى «ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى يازدى.

1170338
Washington Post: ترامپنىڭ قارارى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زىيانلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ باش ماقالىسىدە، مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <گولان ئېگىزلىكى> نى <ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى> دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ ئۇدا يېرىم ئەسىردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 242 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆز مەيلىچە <گولان ئېگىزلىكى> مەسىلىسى توغرۇلۇق ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى، كەلگۈسىدە سۈرىيە – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئىمكانسىز ھالدا كەلتۈرىدۇ. بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى، <گولان ئېگىزلىكى> مەسىلىسىدە ئۆزئارا تىنچلىق ئېڭى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. ئەمدى كەلگۈسىدە تۈزۈلگۈسى بىر تىنچلىق كېلىشىمى نېمىگە ئاساسلىنىدۇ؟ ترامپ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، دەپ قارايمىز. ترامپ خۇددى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋالغىنىدەك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تارتىۋالغان زېمىنلارنى بېسىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قەدىمى پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت بولغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆز ئالدىغىلا بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىسرائىلىيە پارتىيەلىرىنى جاسارەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىدۇ. ترامپنىڭ بۇ قارارى، 9 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا مۇھىم ياردىمى تېگىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېرروتېرىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ئائىت بولغان «گولان ئېگىزلىكى» نى 1967 – يىلدىن بېرى ئىشغالىيتى ئاستىدا تۇتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر