ترامپ رۇسىيە دېلوسىدا ئاقلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈلۈۋاتقان رۇسىيە دېلوسىنىڭ ئاخىرىدا، ئاقلىنىپ دوكلات ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1170345
ترامپ رۇسىيە دېلوسىدا ئاقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش خادىمى روبېرت ماللېر (Robert Mueller) ئامېرىكادا ئىككى يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈلۈۋاتقان رۇسىيە دېلوسىنىڭ ئاخىرىدا، پىرېزىدېنت ترامپ ياكى سايلام سەپەرۋەرلىكى خادىملىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن مەخپىي ھەمكارلاشقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام بار (William Barr) پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن سايلام سەپەرۋەرلىكى خادىملىرىنىڭ 2015-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دەۋالار تەكشۈرۈلگەن دوكلاتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن سايلام سەپەرۋەرلىكى خادىملىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن مەخپىي ھەمكارلىق ئورناتمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى، بىراق رۇسىيەنىڭ ئىككى قېتىم سايلامغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ماللېرنىڭ پىرېزىدېدېنت ترامپنىڭ ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنمىدى دەپ خۇلاسە چىقارنلىقى، ئەمما ئۇنى تولۇق ئاقلىمىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى.

ۋىليام بار ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا، پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ دوكلاتتىن كېيىن، غەلىبە باياناتى ئېلان قىلدى. ئۇ: «مەخپىي كېلىشىم يوق، ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلغان ئىش يوق. تولۇق ۋە كەسكىن ئاقلاش بولدى، ئامېرىكانى زورايتىشقا داۋام» دېدى.

دېموكراتلارنىڭ كونگرە ئەزالىرى دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر