كىم جوڭئۇن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ يىل يازدا رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1170324
كىم جوڭئۇن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە رىئا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رۇس پارلامېنت ئەزاسى ئالېكساندېر باشكىننىڭ سۆزلىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ ئەتىياز ياكى ياز ئايلىرىدا بەزى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەگە بارىدىكەن.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېكسوۋمۇ زىيارەتنى جەزملەشتۈرۈپ، «ۋاقىت، ئورۇن ۋە يىغىن توغرىسىدا كونكېرت كېلىشىم ھاسىل قىلىنغىنىدا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى رەھبىرى كىم جوڭئىل 2001، 2002 ۋە 2011 – يىللىرى رۇسىيەدە 3 قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن ۋە باش مىنىستىر دىمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر