ۋىيانادا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋىيانادا ئىسرائىلىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1169554
ۋىيانادا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت سىياسەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«بايقۇت، چەتكە قېقىلىش ۋە ئېمبارگولار ھەرىكىتى» تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەپتىسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن « ئىشغالىيەت ۋە قوراللىنىشنى توختات»ناملىق نامايىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ۋىيانا ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتكە، ئېتنىك تازىلاشقا ۋە ئايرىمچىلىققا خاتىمە بەرسۇن»دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئامېرىكالىق پائالىيەتچى مەرى پامپالك سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە يىلدا 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال ياردىمى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ياردەمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتىنى كۈچەيتىشتە بىۋاستە رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خەلقئارا قانۇنغا زىت نۇرغۇن باياناتلارنى بېرىپ ئىسرائىلىيەگە ئوچۇق-ئاشكارە يانتاياق بولغانلىقىنى ئېيتقان پامپالك، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە ئىقتىسادىي ياردەمدىن سىرت، ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ پەلەستىنگە قارشى  ئىسرائىلىيەنى  قوللاپ 44 قېتىم ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەرى پامپالك: تەخمىنەن 50يىلدىن بۇيان پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە قارشى ئامېرىكانى خەلقئارا قانۇننىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىرىمىز. ئىشغالىيەتچى ۋە ئىرقچى بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىستىقبالى بولمايدۇ، دېدى.

يازغۇچى ۋىلھېم لاگتالېرمۇ ئوتتۇرا شەرقتە زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغان، ئەڭ ئەقەللىي دېموكراتىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان بىر جەمئىيەت بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى «مۇسۇلمان-يەھۇدىي مەسىلىسى»دەك قاراشنىڭ رىئاللىقا زىت ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە تامامەن ئىشغال ۋە ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلىغان نامايىش ئىسرائىلىيەنىڭ ۋىيانا ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر