مالىدا بىر قەبىلىدىن 115 ئادەم قەتل قىلىندى

مالىدا دوگون تەشكىلاتى ئەزالىرى بىر قەبىلىدىن 115 ئادەمنى قەتل قىلدى.

1169553
مالىدا بىر قەبىلىدىن 115 ئادەم قەتل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ قەبىلە توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلىرىدا، بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى فۇلانى قەبلىسىدىن 115 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تابىتال پۇلاكۇ ئىسىملىك فۇلانى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇلئەزىز دىياللو، دوگون تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئەگوسساگو يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ جەمئىي 115 ئادەمنى قەتل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا ئەگوسساگو يېزا باشلىقى ۋە نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوگون تەشكىلاتى ئەزالىرى فۇلانىلىقلارنى مالىنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

مالىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا ياشايدىغان ۋە كۆپ قىسمى پادىچىلىق قىلىدىغان فۇلانىلىقلار، كېيىنكى كۈنلەردە رايوندا كۆپىيىپ قالغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #مالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر