ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۆجۇمىدا 10 پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى خەلق ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

1169252
ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۆجۇمىدا 10 پۇقرا ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى فۇئا ۋە كەفەريا يېزىلىرى بىلەن خان شەيخۇن رايونى ئەتراپى ئاخشامغا يېقىن ئېغىر دەرىجىدە بومباردىمان قىلىنغان.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قويۇق بومباردىمانغا دۇچ كەلگەن پۇقرالاردىن 28 كىشى يارىدار بولغان.

 ئۆكتىچىلەرگە تەۋە كۆزىتىش ئۆيىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، لازىقىيەدىكى ھىمەيمىم ھەربىي بازىسىدىن كۆتۈرۈلگەن 5 رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبنىڭ فۇئا ۋە كەفەريا يېزىلىرى بىلەن خان شەيخۇن ناھىيەسى ئەتراپىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىقى بىنا خارابىلىرى ئاستىدىن ئىنسانلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر