«ئىككى جامەنى قانغا بويىغان تېررورچى قالغان ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ»

يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس يېڭى زېلاندىيەدە ئىككى جامەنى قانغا بويىغان ۋە 50 كىشىنى قەتل قىلغان تېررورچىنىڭ قالغان ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1168914
«ئىككى جامەنى قانغا بويىغان تېررورچى قالغان ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىنستون پېتېرس ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرۇلۇق ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمى ۋە يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ھېس قىلىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ھەممىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، جۈملىدىن، ئىككى جامەنى قانغا بويىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق لەنەتلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى جامەنى قانغا بويىغان ۋە 50 كىشىنى قەتل قىلغان تېررورچى برېنتون تاررانت قالغان ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر