ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنشىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋازى ئۆرلىدى

ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان ئىمزالار بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.

1168809
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنشىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋازى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىلتىماسلارغا ئايرىلغان ئىنتېرنېت بېتىدە ئىمزا ئۈچۈن ئايرىلغان كۆزنەككە قويۇلغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسنى قوللىغان ئىمزا سانى تۆت كۈندە 2 مىليون 451 مىڭغا يەتتى.

«50-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قال» تېمىلىق ئىلتىماستا، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى «خەلقنىڭ ئىرادىسى» سۈپىتىدە سۇنغانلىقى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللاش كۈچىنى كۆرسىتىپ، بۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېيىلدى.

ئەنگلىيەدە بۇ خىل ئىلتىماسلارغا 10 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان تەقدىردە، ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىمزا سانى 100 مىڭدىن ئاشقاندا بولسا، ئىلتىماستىكى تەلەپ پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ.

ئەنگلىيە 2016-يىلى 23-ئىيۇندىكى رېفېراندۇمدا %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت 2017-يىلى 29-مارت لىسبون كېلىشىمى ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقتىن چېكىنىش مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك 50-ماددا بويىچە چېكىنىش مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى 2018-يىل دېكابىر ئېيىدا چىقارغان قارارى بىلەن، ئەنگلىيەنىڭ 50-ماددا بويىچە ئىتتىپاقتىن چېكىنىشنى ئىجرا قىلشنى ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن چېكىنىش كېلىشىمى پارلامېنتتا ئىككى قېتىم يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، 29-مارت ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك بولغان ئىتتىپاقتىن چېكىنىشنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن (21-مارت) چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىتتىپاقتىن چېكىنىش كېلىشىمى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلسا چېكىنىشنى 22-مايغا كېچىكتۈرۈش، يەنە رەت قىلىنغان ئەھۋالدا 12-ئاپرېلغا كېچىكتۈرۈش قارار قىلىندى.

2018-يىل ئۆكتەبىردە 700 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى پايتەخت لوندونغا توپلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى گۇرۇپپىلار، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك پىيادە يۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر