رۇسىيە ترامپنىڭ گولان ئېگىزلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە گولان ئېگىزلىكىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ب د ت قارارلىرىغا بىۋاستە خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1168609
رۇسىيە ترامپنىڭ گولان ئېگىزلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «گولان ئېگىزلىكىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ كوممېرسانت ف م (Kommersant FM) رادىيوسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ سۈرىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە پىرىنسىپچان پوزىتسىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 497- ۋە 1981-نومۇرلۇق قارارلىرى بويىچە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قارارىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشىمىز ئۆزگەرمىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى نەزەرگە ئالماستىن گولان ئېگىزلىكلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش، ب د ت قارارلىرىغا بىۋاستە خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا: «52 يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە 1967-يىلى سۈرىيەگە تەۋە گولان ئېگىزلىكلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر