يېڭى زېلاندىيە قورال قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن، يېرىم ئاپتوماتىك ھەربىي تىپتىكى قوراللار بىلەن ھۇجۇم مىلتىقلىرىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1167974
يېڭى زېلاندىيە قورال قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاسىندا ئاردېرن كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئىككى جامەدە 50 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى ۋە 50 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم ئاپتوماتىك ھەربىي تىپتىكى قوراللار بىلەن ھۇجۇم مىلتىقلىرىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرن، ساقچىلارغا مەسئۇل مىنىستىر ئىستۇئارت ناش بىلەن پايتەخت ۋېللىڭتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قورال قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

كرىستچورچ شەھىرىدىكى قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 72 سائەتتىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ دۈشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئاردېرن، «ئەمدى، بۇ ھۇجۇمدىن 6 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بارلىق ھەربىي تىپتىكى يېرىم ئاپتوماتىك قوراللارنى ۋە ھۇجۇم مىلتىقلىرىنى چەكلىگەنلىكىمىزنى جاكارلايمىز» دېدى.

سېتىۋېلىنغان قوراللارنىڭ بولسا، چىقىرىلىدىغان كەچۈرۈم دائىرىسىدە پۇلى تۆلىنىپ قايتۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاردېرن، «15 – مارتتا تارىخىمىز مەڭگۈلۈك ئۆزگەردى. ئەمدى قانۇنلىرىمىز بولىدۇ. بۈگۈن، بارلىق يېڭى زېلاندىيەلىكلەر نامىدىن قورال قانۇنلىرىمىزنى چىڭىتىش ۋە دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ بىخەتەر بىر جايغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېڭى قورال قانۇنلىرى دائىرىسىدە قورال ساقلىغۇچىلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋالغان قوراللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ساقچىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىنغان قوراللارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن قانۇنىي مۆھلەت ئىچىدە كېرەكلىك دوكلاتلارنى قىلمىغان ۋە قوراللىرىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ 3 يىلغىچە قاماق جازاسى ياكى 4 مىڭ دوللارغىچە ئىقتىسادىي جازاغا تارتىلىدۇ.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنلىرى بويىچە، قورال رۇخسىتى ھېچقانداق جىنايەت ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان، 16 ياشتىن چوڭ بولۇپ، قورال سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بارلىقىغا سەۋەب كۆرسىتەلىگەنلەرگە ساقچىلار تەرىپىدىن بېرىلەتتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلى كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئەننۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرى 15 – مارت جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئەسناسىدا ئارقا – ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 50 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر