ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى قاتناش توسۇش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ

بۈگۈن (21-مارت) ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىككى سائەت قاتناشنى توسۇش ھەرىكىتى قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1167735
ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى قاتناش توسۇش ھەرىكىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى بۈگۈن ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو 16-مارت ئېلان قىلغان ۋە خەلقنىڭ ئىتائەتسىزلىك نامايىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، يېڭى نامايىشلارنى باشلايدۇ.

پارلامېنتنىڭ ئاخبارات بۆلۈمىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا، خۇەن گۇايدو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەرىكەت پىلانى تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، ۋېنېزۇئېلالىقلار «تىنچلىق خاراكتېرىدە، ئىنتىزامچانلىق ۋە تەشكىللىك» ھالدا «پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن» شۇ يەر ۋاقتى 18.00-16.00 سائەتلىرى ئارىسىدا ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ۋە قاتناش چىراغلىرى بار جايلاردا توپلىشىپ، قاتناشنى توختىتىشقا چاقىرىلدى.

خۇەن گۇايدو 2019-يىل 23-يانۋار پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكا ھەمدە لاتىن ئامېرىكادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر