تەيۋەن رەھبىرىنىڭ چەت ئەل زىيارىتى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى

خىتاي تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىڭ ۋېننىڭ ئامېرىكىغا تەۋە بىر ئىشتاتتا توختاپ ئۆتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن رەھبىرىنىڭ زىيارىتىگە يول قويماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1168106
تەيۋەن رەھبىرىنىڭ چەت ئەل زىيارىتى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇئاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، "بىر خىتاي، بىر تەيۋەن" شەكلىدە "ئىككى خىتاي" يارىتىش سىياسىتىنى يولغا قويماقچى بولغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پۈتۈن خىتاي خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن رەھبىرى تىساينىڭ ئامېرىكىغا قاراشلىق ھاۋاي ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويماسللىققا چاقىرىق قىلدى.

گىڭ شۇئاڭ تەيۋەن رەھبىرى تىساينىڭ زىيارىتىگە قارىتا ئامېرىكىغا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى ئۇزۇن بولدى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل يانداپ ئۆتۈشلەردە بولىشىغا قەتئىي قارشى چىقىمىز. بۇ پوزىتسىيە ئوچۇق - ئاشكارىدۇر» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە، ئامېرىكا خىتاي ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، تەيۋەن رەھبىرى تىساينىڭ ھۇۋاي ئىشتاتىدىن ئۆتىشىگە يول قويماسلىقى ۋە تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچى كۈچلەرگە خاتا سىگنال يوللىماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. 

تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىڭ ۋېن تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنى ۋە ئامېرىكنىڭ ھاۋاي ئىستاتىنى زىيارەت قىلىش پىلانى بىلەن بۈگۈن تەيۋەندىن يولغا چىققان ئىدى.

تىساي بۇ قېتىمقى زىيارەت پىلانى دائىرىسىدە، پالائۇ، نايرۇ ۋە مارشال ئاراللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ زىيارەتلەر ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدىمۇ توختاپ ئۆتىدۇ. 

تىساي بۇ زىيارەتلەردە پالائۇ ۋە نايرۇ بىلەن دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. بۇ دائىرىدە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بولغان پالائۇ ۋە نايرۇ ئۈچۈن بىر دانىدىن 8 توننىلىق چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خىتايدا 1940 - يىلى ماۋ زىدۇڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەن ۋە ئارالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە «مىللەتچى خىتاي» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تەيۋەن ھۆكۈمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر