تۈركىيە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا يېڭى زېلاندىيەنىمۇ تەكلىپ قىلدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

1167461
تۈركىيە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا يېڭى زېلاندىيەنىمۇ تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 22 – مارتتا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىشى پىلانلانغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا بارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى زېلاندىيەنىمۇ تەكلىپ قىلدى.

ئوچۇق ئىشتىراك قىلىش شەكلىدە ئېچىلىدىغان يىغىنغا ھازىرغىچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 20 گە يېقىن دۆلەت مىنىستىر دەرىجىسىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

يىغىنغا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىران، لىۋىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، سۇدان، قاتار، لىۋىيە ۋە سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىسىدە ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىر قاتار دۆلەتلەر باشقا مىنىستىرلارنى، مەخسۇس ۋەكىللەرنى ياكى باش ئەلچىلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يىغىننىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى يىغىننىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىشى پىلانلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدىكى ئىككى جامە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان يېڭى زېلاندىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا، بۇ دۆلەتمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ باش مىنىستىر ياردەمچىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پتېرسمۇ ئېتنىك جامائەتلەر مىنىستىرى جېنني سېلېسا بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتېرس، «بۇ مۇھىم پائالىيەت، يېڭى زېلاندىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دىنىي كەڭ قورساقلىق دېگەندەك مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشتا شېرىكلىرىگە ھەمدەم بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىيغا جايلاشقان كىرستچورچ شەھىرىدە 15 – مارت جۈمە كۈنى ئىككى جامە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا 10 مىنۇت ئارىلىق بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ 50 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر