ترامپ: ۋېنېزۇئېلاغا  تېخى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمىدۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا تېخى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1167469
ترامپ: ۋېنېزۇئېلاغا  تېخى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جائىر بولسونارو بىلەن بىرلىكتە ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بولسونارو بىلەن ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسى توغرۇلۇق  ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرازىلىيە ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇروغا قارشى چىقىشى كېرەك. ئەگەر مادۇرو ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە، دۆلەت خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يېتىپ بارالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى چوڭ بىر پىلان – لايىھەسى ئىشقا ئاشقان بولىدۇ، ۋېنېزۇئېلاغا تېخى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمىدۇق، بارلىق تاللاش خاراكتېرلىك چارە – تەدبىرلەر سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر