پاكىستان ھۆكۈمىتى بەزى مىنىستىرلىق بىنالىرىنى سېتىشنى قارار قىلدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىم قىلىش ئۈچۈن بەزى مىنىستىرلىق بىنالىرىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1167288
پاكىستان ھۆكۈمىتى بەزى مىنىستىرلىق بىنالىرىنى سېتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىم قىلىش  ئۈچۈن بەزى مىنسىتىرلىقلارغا تەۋە بىنالارنى سېتىشنى قارار قىلدى.

باش مىنىستىر ئىمرانخان باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلغان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى فاۋاد چادرى، بارلىق مىنىستىرلىقلاردىن مۇقىم مۈلۈك تىزىملىكى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىمرانخان تەلەپ قىلغان تىزىملىكنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان چادرى: ھۆكۈمەت ئىشلىتىلمەيدىغان بىنالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئورتاق سىياسەت بېكىتىشى كېرەك، چۈنكى بارلىق مىنىستىرلىقلارنىڭ بىنالىرىنى ساتالماسلىقىغا دائىر ئۆز ئالدىغا قانۇنلىرى بار، دېدى.

چادرى، بەزى مىنىستىرلىقلارغا تەۋە بىنالار سېتىلغان ئەھۋالدا، دۆلەت خەزىنىسىگە تىرىليونلارچە پاكىستان رۇبلىسى كىرىم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق بىنالىرىنى سېتىش ئۈچۈن تۆت مىنىستىرلىقتىن بىر ھەيئەت قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى.

يىغىندا پاكىستان يېزا-ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بولغان مەملىكەتلىك يېزا-ئىگىلىك جىددىي ھەرىكەت پىلانىمۇ ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.  مەزكۇر پىلان ھەققىدە 2017-يىلى پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزاسى سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان جىھانگىر تارىن سۆزلەپ ئۆتتى.

 

تارىن پاكىستاننىڭ 2018-يىلى  4 مىليارد دوللارلىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ 2015-يىلى ئاران 1 مىليارد 500 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مايلار ئۈچۈنلا 2 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان تارىن، 5 يىل ئىچىدە يېزا-ئىگىلىك ساھەسىگە 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق سىرتتىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنىڭ مىقدارى ئازايتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #پاكىستان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر