ئۇ تېررورىستنىڭ ئىسمىنى ئېغىزغا ئېلىشنى خالىمايمەن

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىنا ئاردېرن (Jacinda Ardern) كرىستچورچ شەھىرى (Chirstchurch) دە، ئىككى جامەگە ھۇجۇم قىلىپ، 50 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورىستنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىغا ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1166303
ئۇ تېررورىستنىڭ ئىسمىنى ئېغىزغا ئېلىشنى خالىمايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىنا ئاردېرن كرىستچورچ شەھىرىدە 50 ئادەم جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىغا ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س (BBC) خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىر جاسىنا ئاردېرن پارلامېنتتا: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن كۆپ نەرسىنى ئويلىغان ئىدى، بۇنىڭ بىرى ناچار شۆھرەت ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلغانلىقىمنى قەتئىي ئاڭلىمايسىلەر» دېگەن.

ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تېررورىستنىڭ ئاشقۇن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشىنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇ تېررورىست، ئۇ جىنايەتچى، ئۇ ئاشقۇن. ئۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلغىنىمدا ئىسمى ئېغىزغا ئېلىنمايدۇ» دېدى.

ئۇ فەيسبۇك مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ۋېدىئوسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە ۋىدېئونىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر جاسىنا ئاردېرن ۋىدېئونى تارقاتقان مۇنبەرلەرنىڭ «پوچتا ئورۇنلىرى ئەمەس، ئاخبارات ئورگانلىرى» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، يېڭى زېلاندىيەدە قورال-ياراغ ئىسلاھاتىنىڭ 10 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىستىخبارات ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى بايقاش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جاسىنا ئاردېرننىڭ پارلامېنتتا مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يىغىن ئاچقاندا، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ جەرياندا، كرىستچورچ شەھىرىدە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ نورمال ھالغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان دوختۇرخا ئەتراپىدىكى كوچىلار ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە قاتناشقا ئېچىۋېتىلدى. تۈنۈگۈن (18-مارت) كەچتە ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر ۋە رايونلاردىن كەلگەن مىڭلىغان ئوقۇغۇچى نۇر جامەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى باغچىدا توپلىنىپ، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن شام ياندۇردى ۋە ئەنئەنىۋى ماۋرى (Maori) ناخشىسىنى ئېيتتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدە 15-مارت جۈمە نامىزىدا 10 مىنۇتلۇق پەرق بىلەن ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر