ۋېنېزۇئېلادىن قاچقان ئەسكەرلەر سانى مىڭغا يېقىنلاشتى

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىدىن قېچىپ كولومبىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئەسكەرلەر سانى مىڭغا يېقىنلىشىپ قالدى.

1166437
ۋېنېزۇئېلادىن قاچقان ئەسكەرلەر سانى مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر سىياسىي كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلادا، نامايىشلار باشلانغان 23 – فېۋرالدىن بۇيان قوراللىق قىسىملاردىن قېچىپ كولومبىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئەسكەر سانىنىڭ مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر سانلىق مەلۇمات كولومبىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلدى.

كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىمۇ ۋېنېزۇئېلا ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن يەنە 400 كىشىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن كولومبىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ ھىمايىسى ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كولومبىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، مۇساپىرلارنىڭ كېرەكلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ياردەملەرنى ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بولسا، 1 مايور گېنېرال ۋە 3 پولكوۋنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 116 قاچقۇن ئەسكەرنى «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» ۋە «قاچقۇن» لۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئارمىيەدىن قوغلاپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر