ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك قار ۋە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 كىشى يوقاپ كەتتى.

1165305
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىر: نېبراسكا ئىشتاتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،   ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك قار ۋە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن، ئاپتوموبىلىدىن چىقالمىغان بىر كىشىگە ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقاندا سەل ئېقىتىپ كەتكەن بىر ئادەم بىلەن،  سۇ ئاپىتىگە قارىماي ئۆيىىنى تەرك ئەتمىگەن يەنە بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نېبراسكا ئىشتاتىدا سەل ئېقىتىپ كەتكەن 2 كىشى يوقاپ كەتكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن كۆۋرۈكلەر ۋە يوللار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر