يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوللىغان بىر ئەنگلىيەلىك نازارەتكە ئېلىندى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدە 2 جامەگە قىلىنغان ۋە 50 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوللىغان ئەنگلىيەلىك نازارەتكە ئېلىندى.

يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوللىغان بىر ئەنگلىيەلىك نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساقچى ئىرادىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش خاراكتېرلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا قوللىغان 24 ياشلىق بىر ئەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2016يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچىلىرى ئىچىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى جو كوكس رادىكال ئوڭچى بىر قوراللىق ھۇجۇمچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ساقچىلار بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قارشى پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. 

ئەنگلىيەدە 2017يىلىدا رادىكال ئوڭچى داررېن ئوسبورن لوندوننىڭ شىمالىدىكى فاينسبۇرىي باغچىسىدىكى جامەنىڭ ئالدىدا جامائەتنى ئاپتوموبىل بىلەن باسقان ۋە ۋەقەدە 53 ياشلىق ماكرام ئەلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

فاينسبۇرىي باغچىسىدىكى ھۇجۇمنى قىلغۇچىنىڭ ئىسمى يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسى برېنتون تاررانت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نەپرەتلىك خىتابنامىسىدا، ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئەنگلىيە «خەلق ھەرىكىتى» ناملىق نېئو ناتسىست تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ۋە ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە ئۇلارغا ئەزا بەزى رەسمىي ۋەزىپىلىك ئەسكەرلەرمۇ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر