يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدە 2 جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىغانلارنىڭ سانى 50 كە چىقتى.

يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى مايك بۇش كىرىستچورچ شەھىرىدە ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 50 كە چىققانلىقىنى، يارىدار بولغانلاردىن 2 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ۋە جەمئىي 36 كىشىنىڭ بالنېستتا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مايك بۇش كىملىك مەلۇماتلىرىنىڭ تېخىچە ئاممىغا بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مايك بۇش يېڭى زېلاندىيەدىكى جامىلەرنىڭ ئەتراپىدا يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللار بىرەر تەھدىت قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدە جۈمە نامىزى جەريانىدا 10 مىنۇتلۇق پەرق بىلەن 2 جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمۇلىرىدا 49 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر