ئاۋستىرالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىغا تۇخۇم ئاتقان ئۆسمۈر قەھرىمان ھەممەيلەنگە رەخمەت ئېيتتى

ئاۋستىرالىيە پارلامېنت ئەزاسى فاراسېر ئاننىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەپ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە ۋىل كوللونىي ئىسىملىق بىر ئۆسمۈر ئۇنىڭ بېشىغا تۇخۇم ئېتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئاۋستىرالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىغا تۇخۇم ئاتقان ئۆسمۈر قەھرىمان ھەممەيلەنگە رەخمەت ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىل كوللونىي بۈگۈن ئۆزىنى قوللىغىۇچىلارغا رەخمەت ئېيتتى.

ۋىل كوللونىي كىرىستچورچ شەھىرىدىكى 2 جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەپ، تېررورلۇقنى يوللۇق ئىشتەك كۆرسەتمەكچى بولغان باياناتلىرى يۈزىسىدىن ھەمممىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئاۋستىرالىيەنىڭ مۇستەقىل  پارلامېنت ئەزاسى فاراسېر ئاننىڭغا مېلبورن شەھىرىدىكى بىر پىروگرامما جەريانىدا تۇخۇم ئېتىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پارلامېنت ئەزاسى فاراسېر ئاننىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان پەيتتە 18 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ۋىل كوللونىي ئۇنىڭ بېشىغا تۇخۇم ئاتقان، پارلامېنت ئەزاسى فاراسېر ئاننىڭ بولسا، ئۇنى تەستەك بىلەن ئۇرغان ئىدى. ئانىڭنىڭ قوغدۇغچىلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۆسمۈرنى يەرگە ياتقۇزۇپ دۇمبالاشقان ئىدى.

ساقچىلار ۋىل كوللونىينىڭ باياناتلىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى قويۇپ بەردى.

ۋىل كوللونىي ۋەقەدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

ئۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا «مېنى قوللىغان ھەممەيلەنگە رەخمەت ئېيتىمەن. ماڭا «egg boy» (يەنى تۇخۇمچى بالا) دەپ ئىسىم قويغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. 

ۋىل كوللونىينىڭ ئۇچۇرى قىسغىنە ۋاقىتتا مىڭلىغان كىشى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىشىلدى.

ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋىل كوللونىينىڭ ئۇچۇرىغا «رەخمەت پادىشاھ»، «پەۋقۇلئاددە قەھرىمان»، «رەخمەت ۋىل، سەن پۈتۈن ئاۋستىرالىيەلىكلەرگە ياخشى ۋەكىللىك قىلدىڭ» دېگەندەك ئىنكاسلار قايتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر