ئافغانىستاننىڭ 2 ۋىلايىتىدە قانلىق بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋە قاندىھار ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەر قوشۇلۇپ، جەمئىي 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ 2 ۋىلايىتىدە قانلىق بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ئارىف نۇرى ئاخباراتلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازى قەلئە رايونىدا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ رايوندىن ئەسكەرلەر ئۆتىۋاتقان پەيتتە پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئارىف نۇرى ھۇجۇمدا 3 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 3 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

غەزنە دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئۇلاردىن باشقا يەنە 2 پۇقرانىڭمۇ يارىدار بوزلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاندىھار ۋالايىتىگە قاراشلىق ئارگانداب ناھىيەسىدىمۇ بىر باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قاندىھار ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى تادىن خان ئۆلگەنلەردىن بىرسىنىڭ قاندىھار تىنچلىق ساقلاش ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوماندانى ھاجى زۇمارى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ۋە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر