ئاۋسترالىيەلىك ئالىي پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىت سۆزلىرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئاۋسترالىيەلىك ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاشقۇن مىللەتچى فراسېر ئاننىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىت سۆزلەرنى قىلدى.

ئاۋسترالىيەلىك ئالىي پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىت سۆزلىرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەلىك ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاشقۇن مىللەتچى فراسېر ئاننىڭ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى 2 جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېىن بايانات ئېلان قىلدى.

فراسېر ئاننىڭ "زوراۋانلىقنىڭ ھەر قاندىقىغا قارشى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن"باياناتىدا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: "يېڭى زېلاندىيە كوچىلىرىدا بۈگۈن قان تۆكۈلۈشنىڭ ئەسلى سەۋەبى، ئاشقۇن مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە كۆچۈپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان كۆچمەنلەر سىياسىتىدۇر."

ئاننىڭ باياناتىدا مۇسۇلمان ۋە ئىسلامغا قارشى جۈملىلەرنى ئىشلەتتى.

ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاننىڭنىڭ  بۇ ئاشقۇن سۆزلىرى نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون، تۋىتتېر ئادرېسىدا پالاتا ئەزاسى ئاننىڭنى ئەيىبلەپ ئۇچۇر يازدى.

باش مىنىستىر موررىسون ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى دېدى: "ئالىي پالاتا ئەزاسى فراسېر ئاننىڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە رەھىمسىز، ئاشقۇن بىر تېررورچىنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆچمەنلەر سىياسىتىگە دۆڭگەپ قويۇشى تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر. بۇنداق قاراشلارغا ھېلىغۇ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئىكەن ئاۋسترالىيە زېمىنىدىمۇ قەتئىي ئورۇن يوق."

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى يېڭى زېلاندىيەنىڭمۇ ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش بارلىق ئېتىقاد شەكىللىرىگە، كۈلتۈرلەرگە ۋە تۈرلۈك ئىنسان ئىرقىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: مەملىكەتلىرىمىزدە بۇنداق ئاشقۇن ۋە ۋەھشىي تېررولۇق ۋەقەسىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان نەپرەت ۋە دۈشمەنلىككە ئورۇن يوق، بۇنداق قىلمىشقا قەتئىي قارىشىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر