ئامېرىكا بىلەن كانادا رۇسىيەگە بولغان ئېمبارگونى كۈچەيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا 6 رۇس ئەمەلدارى بىلەن 8 رۇس شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا بىلەن كانادا رۇسىيەگە بولغان ئېمبارگونى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىۋېلىشى تۈپەيلى 6 رۇس ئەمەلدارى بىلەن 8 رۇس شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قىرىم رايونىنى ئىشغال قىلىشىغا يانتاياق بولغان 6 رۇس ئەمەلدارى ۋە 8 رۇس شىركىتى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.»

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىننىڭ «كىرىمېلنىڭ خەلقئارا قائىدە-پىرىنسىپلارغا زىت ھالدا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا بىلەن بىرلىكتە ئورتاق قەدەم تاشلايمىز»دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان باياناتتا، رۇسىيەگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەر ئارىسىدا رۇسىيە فېدراتىپ خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن سېرگېي ستانكېۋىچ، ئاندرېي شېنىن، رۇسلان روماشكىن ۋە رۇسىيە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېننادىي مېدۋېدېۋلار بار.

شۇنداقلا 6 رۇس مۇداپىئە شىركىتى بىلەن 1 قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركىتى ۋە 1 نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بىلەن بۇ ئىشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادانىڭمۇ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىۋېلىشى تۈپەيلى، موسكۋا ھۆكۈمىتىگە  ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادانىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەگە ئىزچىل ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ئامېرىكا بىلەن كانادا بىزگە ئېمبارگو يولغا قويۇش ئارقىلىق غەرىزىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇلار رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، دۆلىتىمىزگە بېسىم پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا، بىز قاراپ تۇرمايمىز، ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر