ترامپ تۇنجى ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلەتتى

دونالد ترامپ جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىۋەتتى.

1164580
ترامپ تۇنجى ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئالىي پالاتادا تۈنۈگۈن ماقۇللانغان جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىۋەتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيان تۇنجى ۋېتو ھوقۇقىنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئالىي پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىش پائالىيتىدە ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسى ئۈچۈن ئىشلەتتى.

ئاقسارايدا بايانات بەرگەن دونالد ترامپ: بۈگۈن تۇنجى ۋېتو ھوقۇقىمنى ئىشلەتتىم، دېدى.

"دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ياكى ماقۇللىماسلىق ھوقۇقى بار، مېنىڭمۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ۋېتو قىلىش ھوقۇقىم ۋە مەسئۇليىتىم بار، دېدى.

ترامپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى "خەتەرلىك "دەپ تەرىپلىدى.

ئالىي پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە 59 ئالىي پالاتا ئەزاسى قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولسا، 41 ئالىي پالاتا ئەزاسى رەت ئاۋازى بەردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 100 ئورۇندۇقلۇق ئالىي پالاتادا، 45 دېموكراتچىدىن سىرت 2 مۇستەقىل ئەزا، 12 جۇمھۇرىيەتچى ئالىي پالاتا ئەزاسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدىكى كۆچمەنلەرنى سەۋەب قىلىپ، جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر