پومپېيونىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرولۇق يازغان ئۇچۇرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مۇسۇلمان ياكى جامە ئىبارىسىنى ئىشلەتمەستىن تېررولۇق ھۇجۇمى توغرورلۇق ئۇچۇر يېزىشى نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پومپېيونىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرولۇق يازغان ئۇچۇرى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مۇسۇلمان ياكى جامە ئىبارىسىنى ئىشلەتمەستىن تەزىيە ئۇچۇرى ئېلان قىلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.  

پومپېيو ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسى تۋىتتېردا مۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: "يېڭى زېلاندىيەدىكى يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، ھېچكىم ئىبادەت ماكانلىرىدا بۇنداق زوراۋانلىق قىلالمايدۇ، ئامېرىكا خەلقى يېڭى زېلاندىيەدىكى دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ."

پومپېيونىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تېررورزم دەپ تەرىپلىمەسلىكى تۋىتتېردا نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتونمۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، يېڭى زېلاندىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى زېلاندىيە مەسئۇللىرى بىلەن  ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بولتون : يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە نەپرەت جىنايىتىدەك كۆرۈنگەن بۇ ھۇجۇمدىن تولىمۇ بىئارام بولدۇق، ئۇ جايدىكى ئەلچىمىز بىلەن كېچىدىن باشلاپ ئالاقە ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز ۋە ۋەقە توغرۇلۇق يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەۋاتىمىز، بىز تولىمۇ ئەندىشە قىلدۇق، بۇ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىمىز، دېدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا 10 مىنۇت ئىچىدە 2 جامە تېررولۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 49 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، چرىستچېرچ شەھىرىدىكى 2 جامەگە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:40 ۋە 13:50 ئەتراپىدا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ "تېررولۇق ھۇجۇمى"بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر