فىنلاندىيەدىكى بىر مەسجىد ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدىكى بىر مەسجىدنىڭ تېمىغا ئىسلامغا زىت خەتلەر يېزىپ قويۇلغان.

1164576
فىنلاندىيەدىكى بىر مەسجىد ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدىكى بىر مەسجىد كەينىدىن-كەينىدىن ئىككى كۈن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

مەللۇنماكى رايونىدىكى مەسجىدكە قىلىنغان ھۇجۇمدا ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى .

مەسجىد جامائىتىنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ھەسەن ساھىم، مەسجىدنىڭ تاملىرىغا ئىسلامغا ھاقارەت مەزمۇن قىلىنغان خەتلەرنىڭ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خېلسىنكى ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان سامپو سۇئومالا، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، خېلسىنكى ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى باشلىقى جارى تاپونېن، تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئۇچۇر يازغاندىن سىرت، يېڭى زېلاندىيەدىكى جامەلەرگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىمۇ توختالدى.

جارى تاپونېن ئۇچۇرىدا يەنە  فىنلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نەپرەت جىنايەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جارى تاپونېن مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىش خاھىشلىرى ۋە گەپ-سۆزلەرنىڭ جەمئىيەتتە ئادەتتىدەك بىر ئىشتەك چۈشىنىپ قېلىنىشىنىڭ، جىنايەتلەرنىڭمۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئادەتتىكى ۋەقەلەردەك بىلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #ئىسلام

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر