بىر ئامېرىكا ئايروپىلانى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى

يادرو بومبىسى ئېلىپ ماڭغان « B-52H »تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ، خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىر ئامېرىكا ئايروپىلانى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھىند-تىنچ ئوكيان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقى يادرو بومبىسى ئېلىپ ماڭغان « B-52H »تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ، خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قوماندانلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق گۇئام  ئارىلىدىكى « B-52H  »تىپلىق ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوللاش، ھىند-تىنچ ئوكياندا ئەركىن ۋە ھەممىگە ئوچۇق  مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ئۇچۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئامېرىكاغا تەۋە « B-52 »تىپلىق بىر بومباردىمان ئايروپىلانى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش ئېلىپ بارغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېفىت زاپىسى جەھەتتىن مول بولغان پارسېل ۋە سپارتلى ئاراللىرى بولۇپ شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نۇرغۇن ئارال ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىشىگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ رايونلاردا يادرو بومباردىمان ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ «بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى»بولىدىغانلىقىنى ئىگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر