ئەنگلىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈش  قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى

ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى تەكرار ئاۋازغا قويۇش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئىيۇن ئېيىغا كېىكچۈرۈش قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈش  قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى 2 قېتىم رەت قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى كېلىشىمىنىڭ 20 – مارتتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئاۋازغا قويۇلۇشى نىشان قىلىنغان قارارنامە، پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ئاۋام پالاتاسىدا 202 گە قارشى 412 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، قارارنامىگە ئاساسەن، كېلىشىم پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، تېرېسا مېي ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى 30 – ئىيۇنغىچە كېچىكتۈرۈلۈشىنى  تەەپ قىلىدىكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلىپىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 21 – مارتقىچە باشلىقلار يىغىنىدا بىلدۈرۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى كېلىشىمى توغرۇلۇق قايتىدىن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كېچىكتۈرۈش تەكلىپلىرىنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر