سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا 7 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىلىدۇ

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «سۈرىيە ۋە رايوننىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قوللاش» تېمىلىق كونفېرانستا، سۈرىيە ۋە كۆچمەنلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 7 مىليون دوللارلىق ياردەم بېرىلىشى توغرۇلۇق ۋەدە بېرىلدى.

1163969
سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا 7 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونفېرانستىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە  جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇل ئەزاسى چىرىستوس سىتىلىئانىدېس بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك بايانات ئېلان  قىلدى.

سىتىلىئانىدېس بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ۋەكىللەرنىڭ سۈرىيە ۋە كۆچمەنلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 7 مىليارد دوللار ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن. دەرۋەقە، بۇ ۋەدىلەر چوقۇم پائالىيەتلەرگە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى لازىم. تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە لىىۋان قاتارلىق سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان دۆلەتلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك،  كونفېرانستا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ ياردەملەرنىڭ مىليونلارچە كىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونفېرانستا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە خەلقىگە كەڭ دائىرىلىك ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسۇم ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىگە بىرئاز مەلھەم بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ سۈرىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولالمايدۇ، شۇڭا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم  سىياسىي چارە تېپىلىشى كېرەك. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇ دائىرىدە مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا تىلەكداشمىز.»

سۈرىيەدە يۈ مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىليونلارچە كىشى مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالغان، ھەمدە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىچكى ئۇرۇش 8 يىلىنى ئارقىدا قالدۇردى.

بىريۇسسېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلامچىلىقىدا 12 – 14 – مارت كۈنلىرى چاقىرىلغان «سۈرىيە ۋە رايوننىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قوللاش» تېمىلىق كونفېرانسقا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن تەخمىنەن 80 ۋەكلى قاتناشتى.

كونفېرانسقا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر