قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق 20 كىشى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق 20 گۇماندار ئۈستىدىن خەلقئارالىق «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلدى.

قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق 20 كىشى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق 2018 – يىلى 15 – نويابىر كۈنى 18 گۇماندار، 2018 – يىلى 21 – دېكابىر كۈنى 2 گۇماندار بولۇپ، جەمئىي 20 گۇماندار ئۈستىدىن خەلقئارالىق «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ 20 گۇماندارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزدەپ تۇتۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر