پاكىستان يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
پاكىستان ھۆكۈمىتى يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدە يۈز بېرىپ 49 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھۆكۈمىتى يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمەن، بۇ ھۇجۇم بىز داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان <تېررورلۇقنىڭ دىنى يوقتۇر>دېگەن سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا دۇئا قىلىمىز.»
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ئىسلامدىن قورقۇش خاھىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىمرانخان: بۇ ھۇجۇمغا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئىسلامدىن قورقۇش خاھىشى سەۋەب بولدى، بىر مۇسۇلمان سادىر قىلغان جىنايەت تۈپەيلى 1 مىليارد 300 مىليون مۇسۇلمان ئەيىبلەندى، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي كۈرىشىنى ناچار كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن قىلىنغان قىلمىشتۇر، دېدى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد فايسالمۇ مۇنداق دېدى: «پاكىستان يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ.»
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەيشىنىڭمۇ بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتقان فايسال: مىنىستىر قۇرەيشىمۇ چرىستچېرچتىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، بۇ ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، دېدى.
يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى بىر جامە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 49 كىشى قازا قىلىپ 4 كىشى يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.