سومالىدىكى قانلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششاباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى
باياناتچى نۇرادىن يۈسۈف ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
1163255
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ئۇلاغ بازىرىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبا پارتلاپ 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇلاغ بازىرىدىن تەخمىنەن 30 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بايدو شەھىرى باياناتچىلىرىدىن نۇرادىن يۈسۈف تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ بازاردا ئېلىم – سېتىم قىلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇرادىن يۈسۈف ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىدارلارنىڭ رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششاباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى.