مالىدا يۈز بەرگەن ئىككى ئايرىم پارتلاشتا 6 ئەسكەر ئۆلدى
مالىنىڭ ئىككى ئايرىم رايونىدا مىنا پارتلاپ 6 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1163486
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىنى موپتى رايونىغا قاراشلىق دىئاللوبې ۋە خومبورى بازارلىرىدا ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىناغا بېسىۋېلىپ، پارتلاش نەتىجىسىدە دىئاللوبىدا 2، خوممبورىدا 4 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.
مالى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.