ماكرون ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون دۆلىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1162747
ماكرون ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون،  پايتەخت ئەددىس ئابابادا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى  كومىتېتنىڭ باشلىقى مۇسا فاقى مۇھەممەد بىلەن ئافرىقا ئەللىرى باش مەركىزىدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،  فىرانسىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى  كومىتېتنىڭ باشلىقى مۇسا فاقى مۇھەممەد، ئۇچرىشىشتا،  فىرانسىيە بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تۈنۈگۈن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئەبى ئەھمەد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېفىيوپىيە بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئېفىيوپىيە ئارمىيەسىنى تەربىيەلەپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر