يېڭى دىنوزاۋر تۈرى بايقالدى

ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى دىنوزاۋر تۈرى بايقالدى.

1161663
يېڭى دىنوزاۋر تۈرى بايقالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «LiveScience» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مۇتەخەسسىسلەر ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا 125 مىليون يىللىق قىيالىق رايوندا ئېلىپ بارغان قىزىپ تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا، يېڭى بىر دىنوزاۋر تۈرىگە ئائىت 5 دانە تاشقا ئايلانغان ئېغىز ئۈستى سۆڭىكىنى تاپقان.  

بۇ تاشقا ئايلانغان سۆڭەكلەرنىڭ دىنوزاۋرلارغا ئائىت ئىكەنلىكى ۋە 125 مىليون يىل ئىلگىرى مۇشۇ رايوندا ياشىغانلىقى ھەمدە كىچىك كانگىرو ئائىلىسىگە تەۋە كېنگۇرۇنىڭ چوڭلۇقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ يېڭى تۈرنىڭ ئېغىزى ئىسپانيە پاراخوتى «كاليون»نىڭ تەتۈر شەكلىگە ئۆخشىغانلىقىدىن ئۇنىڭغا «Galleonosaurus dorisae» دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ يېڭى «Galleonosaurus dorisae» دىنوزاۋرنىڭ ئوتخور ھايۋان ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 

بۇ قېتىمقى بايقاشنىڭ تەپسىلاتى «Journal of Paleontology» ناملىق ژۇرنالدىمۇ ئېلان قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر