ئايرودورۇمدا بوۋاق بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئانا سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئارقىغا ياندى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىن مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالا لۇمپۇرغا قاراپ ئۇچقان يولۇچى ئايروپىلانىدا بىر ئايال، بوۋاقىنى ئايرودورۇمدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئايروپىلان جىددىگە قايتتى.

ئايرودورۇمدا بوۋاق بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئانا سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئارقىغا ياندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىن ھەمبەھىرلىشىش تورى «YouTube» دە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا، كۇئالا لۇمپۇرغا كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ جىددىدىكى ھاۋا قاتناش كونتىرول سۇپىسىغا قايتا قونۇش تەلىپىدە بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.

مالايشىيا ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇچقۇچىنىڭ مەزكۇر ۋىدېئودا ھاۋا قاتناش كونتىرول سۇپىسىغا چاقىرىقتا بولۇپ، «بىر يولۇچىمىز بۇۋاق بالىسىنى كۈتۈش زالدا ئۇنتۇپ قاپتۇ. قايتىپ قانالامدۇق؟» دېگەن تەلەپنى يوللىغانلىقى، كونترول سوپىسىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە «چۈشەندىم، قايتسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق ئىشنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلان ھاۋاغا ئۆرلەپ قىسقىغىنە ۋاقتتىن كېيىن جىددەدىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز ئايرودورۇمىغا قايتىپ كەلدى.

ئايال بۇۋاق بالسىنى ئايرودورۇمدا قانداقلارچە ئۇنتۇغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

«YouTube» غا قويۇلغان ئۇچقۇچى بىلەن ھاۋا قاتنىشى كونترول سۇپىسىدىكى خادىمنىڭ سۆھبىتىنىڭ  50 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر