پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولتون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1161958
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولتون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىغا قاراشلىق پۇلۋاما شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن باش كۆتۈرگەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شاھ مەھمۇد قۇرەشىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ھىندىستاننىڭ 26 – فېۋرالدا پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھۆججەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستاننىڭ، ھىندىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغاندىن بىر كۈن كېيىن ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتىگە يوللۇق مۇداپىئەلىنىش دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان قۇرەشى، پاكىستاننىڭ سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش يولىدا بارلىق قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇرەشى، پاكىستان چۈشۈرۈۋەتكەن ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنى ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا قايتۇرۇپ كېلىنگەن پاكىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭمۇ خىزمەت ئورنىغا قايتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان – پاكىستان چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىخ ئىبادەتخانىلىرى ئارىسىدا ئەركىن بېرىپ – كېلىشنى قولايلاشتۇرىدىغان كارتارپۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاكىستان ھەيئىتىنىڭ 14 – مارتتا ھىندىستانغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان قۇرەشى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەپتىلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جون بولتونمۇ ۋىيېتنامدا داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا – شىمالىي كورېيە سۆھبەتلىرىگە قارىماي، پاكىستان – ھىندىستان سۈركىلىشىنى يېقىندىن كۈزەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولتون، پاكىستاننىڭ سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىگە ۋە ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

بولتون، پاكىستان – ھىندىستان ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يوللىرىنى ئىزدەش لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قۇرەشى بىلەن بولتون، ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر