گوللاندىيەدە بىر تۈرك مۇئاۋىن ۋالىي مۇھىت ئاسراشتا بىرىنچى بولدى

گوللاندىيەنىڭ شىمالىي گوللاندىيە رايونى مۇئاۋىن ۋالىيسى تېگى تۈركىيەلىك ئەدنان تەكىن 2018 – يىلىنىڭ مۇھىتنى ئەڭ ياخشى ئاسرىغۇچى سىياسەتچىسى بولۈپ باھالاندى.

1162046
گوللاندىيەدە بىر تۈرك مۇئاۋىن ۋالىي مۇھىت ئاسراشتا بىرىنچى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە «تەبىئەت خاتىرەسى فوندىي جەمئىيىتىنىڭ 11نۆۋەتلىك «2018يىللىنىڭ مۇھىتنى ئەڭ ياخشى ئاسرىغۇچى سىياسەتچىسى مۇسابىقىسى» دا 46 ياشلىق ئەدنان تەكىن بىرىنچى بولۇپ سايلاندى.

مۇسابىقىدا تەبىئەتكە ئالاقىدار 5 كاتوگورىيە بويىچە بەلگىلەنگەن 10 نامزاتقا ئالاقىدار ئورگاننىڭ رەسمىي تور بېتىدە بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

باھالىغۇچىلار بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا تاللانغان 3 كىشى ئارىسىدىن بىرنچى بولغان نامزاتنى تاللاپ چىقتى. 

ئەدنان تەكىنگە مۇكاپات سۈىپتىدە بىر يىل بويىچە ئۆز ئىشخانىسىدا ئىشلەتسە بولىدىغان ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭ يېشىل رەڭلىكى تەقدىم قىلىندى.

ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنگە قەدەر مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سىياسەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان ئىدى.

«مۇھىتنى ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت پارلامېنت ئەزالىرىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل ئۆلكىلىك سايلاملار سەۋەبىدىن رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باشقا سىياسەتچىلەرمۇ مۇسابىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر