ئامېرىكادا نۇرغۇن كۆچمەن كارانتىنغا ئېلىندى

ئامېرىكادا 2000دىن ئارتۇق كۆچمەن يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى كارانتىنغا ئېلىندى.

1160739
ئامېرىكادا نۇرغۇن كۆچمەن كارانتىنغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 2000دىن ئارتۇق كۆچمەن كارانتىنغا ئېلىندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئافرىقادىن ئامېرىكاغا كېلىش جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.

قانۇنىي خىزمەتلەردىن بەھرىمان بولالمايۋاتقان ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ كارانتىنغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا كۆچمەنلىك ۋە تاموژنا ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-مارتتىن بۇيان 50مىڭ كۆچمەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

بۇ كۆچمەنلەردىن 2287سى قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى بولۇپ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

ئامېرىكا كۆچمەنلىك ۋە تاموژنا ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆتكەن ئايدا 236 كىشىنىڭ قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى بولۇپمۇ ھاۋادىكى تۈكۈرۈك تامچىلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر نەچچە ھەپتىدە ئىچىدە ساقايغان بولسىمۇ، ئەھۋالى ناچار كېسەللەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر