ئامېرىكا ھىندىستانغا ۋېنېزۇئېلا تۈپەيلى بېسىم ئىشلەتتى

ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا ئالاھىدە ۋەكىلى ئېللىيوت ئابرامىس ئامېرىكانىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە مادۇرو ھۆكۈمىتىدىن نېفىت سېتىۋالماسلىق ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1161121
ئامېرىكا ھىندىستانغا ۋېنېزۇئېلا تۈپەيلى بېسىم ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا ئالاھىدە ۋەكىلى ئېللىيوت ئابرامىس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستانغا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋەكىل ئابرامىسنىڭ، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان بانكا ۋە شىركەتلەرگىمۇ بېسىم ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىم رولى بولغان ھىندىستان، ۋېنېزۇئېلادىن خام نېفىت سېتىۋېلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىرىنچى ئورۇندا بولسا ۋېنېزۇئېلا بىلەن نېفىت كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىنى مۇۋەققەت ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدوغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئامېرىكا بار.

ۋېنېزۇئېلا مەملىكەتلىك مەجلىس باشلىقى خۇەن گۇايدو، بۇ يىل يانۋاردا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغاندا، ئۇنى ئامېرىكا،ئاۋاسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغانىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خۇەن گۇايدونى ئېتىراپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە،ئىران، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، مادۇرو بولسا ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى بىراق سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر