مادۇرو ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىككى كۈن توكسىز قېلىشىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1160315
مادۇرو ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىككى كۈن توكسىز قېلىشىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانىقىنى بىلدۈردى.

تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر سىياسىي كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەندىن سىرت ئىككى كۈن توكسىز قالغان ۋېنېزۇئېلادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشكەن سوتسىيالىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن پايتەخت كاراكاستىكى دۆلەت رەئىسلىك سارىيى مىرافلورېسنىڭ ئالدىدا مادۇرونى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نىكولاس مادۇرو، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى مەيدانغا كېلىپ ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قالدۇرۇپ قويغان توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە، ۋېنېزۇئېلانىڭ كۆپ قىسمىنى توك بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان گۇرى توك ئىستانسىسىغا قىلىنغان سىبەر ھۇجۇم سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مادۇرو، خۇەن گۇايدونى قورچاق ۋە قارانچۇققا ئوخشاتتى.

مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئېغىر ھۇجۇم ئاستىدا قېلىۋاتقانلقىنى ئېيتىپ: دۆلىتىمىزدىكى توك مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلغانىدۇق، بىراق ئامېرىكا ئىلغار تېخنولوگىيە ئىشلىتىپ توك لىنىيەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قالدۇردى، دېدى.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك ئېلېكتىر شىركىتىدە جاسوسلارنىڭ بارلىقىنى ۋ ئۇلارنىڭ توك توختاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان مادۇرو، بۇ شەخسلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىلىپ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو خەلقىدىن ھازىرقى ۋەزىيەتنى توغرا چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىپ: ناھايىتى قىيىن باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، كېيىنكى يىللاردىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىپ كەلگەن بولساق، بۇ قىيىنچىلىقنىمۇ ھەل قىلىمىز، دېدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ كۆپ قىسمىنى توك بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان سىمون بولىۋار ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن كاشىلا تۈپەيلى، ۋېنېزۇئېلانىڭ 22 ئۆلكىسى توكسىز قالغانىدى.

ھۆكۈمەت گۇرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئاقىۋەت ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىككى كۈن توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۆكتىچىلەر توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە توك لىنىيەلىرىنىڭ يېڭىلانماسلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىگىرى سۈرۈپ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر