ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغان
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭى بىر تەكشۈرۈشتە، ئەڭ كۆپ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەۋەر مۇنبەرلىرىدىن «The Hill» تەتقىقات شىركىتىنىڭ «HarrisX» بىلەن ئورتاق ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە، ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغان دىنىي گۇرۇپپىلار ھەققىدە تەپسىلىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىندى.
1 - مارتتىن 3 – مارتقىچە تىزىمغا ئېلىنغان 1003 نەپەر سايلىغۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قېتىلغانلارنىڭ %85 ى ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئايرىمچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا مىننېسوتادىن كىرگەن تۇنجى مۇسۇلمان ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بىلەن باشلانغان تالاش – تارتىشلارنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ئامېرىكىدىكى دىنىي ئايرىمچىلىققا دائىر پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن مەنىلىك دەپ قارالدى.
ئىلخان ئۆمەرگە ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى «CAIR» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىمۇ، يېقىقنى مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.