فىرانسىيەدە بىر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلدى

فىرانسىيەدە بېزېيىر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 8 – مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە باش ياغلىقلىق ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ فىرانسىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1159985
فىرانسىيەدە بىر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە بېزېيىر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 8مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، كۆرگەزمە مۇنبىرى ئاچماقچى بولغان باش ياغلىقلىق ئاياللارغا ئىرقىي ئايرىمچى خاراكتېرلىق مۇداخىلە قىلدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، شەھەردە 8مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە باش ياغلىق ئارتقان ئاياللارنىڭ كۆرگەزمە مۇنبىرى ئېچىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پائالىيەتكە باش ياغلىق ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ فىرانسىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى كۆزىتىش مەركىزى «ORIW» تەرىپىدىن ئېلان قىلنغان باياناتتا بولسا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، فىرانسىيە مېدىياسى ۋە خەلقىگە بىلدۈرۈلگەننىڭ دەل ئەكسىچە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىنى مەجبۇرلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بويىچە تاقايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ شەرمەندىلەرچە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىككە زىت قارارغا فىرانسىيە خەلقىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر