پاكىستان ھاۋا ساھەسى ئېچىلدى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا ئۆزئارا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن پاكىستان ھاۋا ساھەسى پۈتۈنلەي ئېچىلدى.

1159382
پاكىستان ھاۋا ساھەسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، 27 – فېۋرالدا تاقىۋېتىلىپ 3 كۈندىن كېيىن قىسمەن ئېچىلغان ھاۋا ساھەسىگە بۈگۈن فايسالئاباد، مۇلتان ۋە راھىم يار خان ئايرودۇرۇملىرىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ بىلەن پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكى پۈتۈنلەي ئېچىلغان بولدى.

خۇسۇسەن ئاسىيا – ياۋروپا ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ لىنىيە ئۆزگەرتىشىگە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ھاۋا ساھەسىنى تاقىۋېتىش قارارى يۈزىسىدىن ئىران ۋە خىتاي لىنىيەلىرىدىن پايدىلىنىلماقتا ئىدى.

جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلانلار ئومان لىنىيەسىدىن پايدىلانغانىدى. قارار ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى بىلەن بىرگە، يېقىلغۇ چىقىملىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگىمۇ سەۋەب بولغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش 26 – فېۋرالدا ھىندىستاننىڭ پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى بىلەن يۈكسەك پەللىگە يەتكەن، پاكىستان بولسا، 27 – فېۋرالدا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھىندىستاندىكى بەزى ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلغانىدى.

شۇ كۈنى پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ھىندىستاننىڭ ئىككى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن پاكىستان بىلەن ھىندىستان، ھاۋا تەۋەلىكلىرىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا تاقىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر