CENTCOM نىڭ قوماندانى ۋوتېل دائېش توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل دائېش ۋە زوراۋانلىقنى ياقىلايدىغان ئاشقۇنلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1159409
CENTCOM نىڭ قوماندانى ۋوتېل دائېش توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوماندان جوسېف ۋوتېل ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى (AFRICOM) نىڭ قوماندانى توماس ۋولدخاۋسېر (Thomas Waldhauser )، خەلقئارالىق خەۋپسىزلىككە مەسئۇل مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى كەسرىن ۋىلبارگېر (Kathryn Wheelbarger) ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىكى زېمىنلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى، بىراق كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىر ۋاقىتقىچە كونترول قىلغان 88 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىن 2.5 كىۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈرۈلدى. پەيدا بولغان خەلىپىلىكنىڭ قولىدىكى زېمىنلارنى ئازايتىش چوڭ مۇۋەپپەقىيەت، بىراق دائېش ۋە زوراۋانلىقنى ياقىلايدىغان ئاشقۇنلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا تېخى ئۇزۇن ۋاقىت بار، مەقسىتىمىز ئوخشاش داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ قولىدىكى ئاخىرقى يېزا باگوزدا تەسلىم بولغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇنىڭ دائېشچىلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ۋە ئۇرۇش قابىلىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان قارار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ، قولغا چۈشكەن دائېشچىلاردا ھازىرغىچە پۇشايمانلىق ئالامىتىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پەرمانى بويىچە سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداش ۋە سۈرىيەدىكى مەقسىتىمىز بويىچە مۇئەييەن ساندا ھەربىي كۈچ قالدۇرىمىز» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادنىڭ تالىبان بىلەن كۆرۈشۈشىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يول تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تالىبان بىلەن مۇرەسسە ھاسىل بولغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۆز ئالدىغا قىلىدىغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«تالىبان بىلەن ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەنىڭ مەقسىتىگە قاراپ توغرا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، تېخى قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشلار بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر