ۋېنېزۇئېلا گېرمانىيە ئەلچىسىنى چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى

گېرمانىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانىيېل كرىينېر (Daniel Kriener) «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىندى.

1158466
ۋېنېزۇئېلا گېرمانىيە ئەلچىسىنى چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورگې ئاررېزا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى ھەمبەھىرلىدى.

قاراردا، گېرمانىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانىيېل كرىينېرنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە چېگرادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 48 سائەت ۋاقىت بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيە باش ئەلچىسى دانىيېل كرىينېرنىڭ «ئاشقۇن ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ماسلاشقان سىياسىي شەخستەك ھەرىكەت قىلغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاراردا، باش ئەلچى دانىيېل كرىينېرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەرتىپلەرنىڭ ئاساسىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىنىپ، «ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىزچىل ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن قاراردا، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاراردا، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىمۇ خاتىرىلىتىلدى.

ئۆكتىچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو نامايىشتا ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېلان قىلدى. خۇەن گۇايدونىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىقى» نى، ئامېرىكا، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

مېكسىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە كۇبا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونى قوللىغان ئىدى.

مادۇرو كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ۋېنېزۇئېلادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە، كېيىنكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمما سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ تاللاش يوللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر