رۇھانى: ئىجتىمائىي تاراتقۇنى چەكلەش دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورلىرىنىڭ چەكلىنىشىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1159072
رۇھانى: ئىجتىمائىي تاراتقۇنى چەكلەش دۆلەتنى ئارقىدا قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنتىخاب خەۋەلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەيلان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى رەشتتە سۆز قىلغان رۇھانى، «بۈگۈننىڭ دۇنياسى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىي قىلىش ھالىتىدىدۇر. كۈندىن كۈنگە تەرەققىيات يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇغا ئېرىشىشنىڭ مەنئى قىلىنىشى دەۋرىمىز دۇنياسىنىڭ ئارقىسىدا قېلىشقا سەۋەب بولماقتا» دېگەن.

ئىراندىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ %55 ى تېلېگرام ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئاپرېل ئېيىدا ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن توختىتىۋېتىلگەن؛ يەنە %23 ئادەم ئىشلىتىدىغان ئىنستېگراممۇ يانۋار ئېيىدا مەنئى قىلىنغانىدى.

بىراق، ئىنستېگرام توغرىسىدىكى قارار تېخى ئىجرا قىلىنمىدى.

ئىراندىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر تىۋىتتېر ۋە فەيسبۇكقا ئوخشاش ئېچىش چەكلەنگەن سەھىپىلەرگە باشقا پىروگراممىلارنىڭ سايىسىدا كىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر